گۇتېررېس غەززەدىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» كېلىشىمى ئۈستىدە توختالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، «غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش كېلىشىمى ئۇرۇش زۇلمىتىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن تاشلانغان بىر قەدەم ۋە ئۈمىت نۇرى بولدى» دېدى.

2069759
گۇتېررېس غەززەدىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» كېلىشىمى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:گۇتېررېس ب د ت نىڭ ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان بىناسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

گۇتېررېس ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدىكى كەرەم شالوم چېگرا ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردەم يوللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

گۇتېررېس غەززەدىكى توقۇنۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆتكۈنچى ھەل قىلىش باسقۇچىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، گەرچە بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈش تېخى بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، ئەمما پەلەستىن ھۆكۈمىتى غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ بۇنى قوللىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن گۇتېررېس، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

غەززەدىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» نىڭ ئۇزارتىلىشى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئانتونىيو گۇتېررېس: « غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش كېلىشىمى ئۇرۇش زۇلمىتىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن تاشلانغان بىر قەدەم ۋە ئۈمىد نۇرى بولدى» دېدى.

گۇتېررېس مەزكۇر « ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش» نىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان غەززە خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭمۇ دەسلەپكى باسقۇچتا يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر