ستولتېنبېرگ كېلىشىم مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى چاقىرىق قىلدى

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ھاماس بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىش» ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئۇزارتىشقا چاقىردى.

2069434
ستولتېنبېرگ كېلىشىم مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ 28-29-نويابىر بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىندىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ھاماس بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى چاقىرىق قىلىمەن. بۇ غەززە خەلقى ئېھتىياجلىق بولغان ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ئۇچقۇلار ۋە راكېتالار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، سودا پاراخوتلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئەھۋاللار جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىش خەتىرى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئىران ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلارنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان ۋە يۈزلىگەن ئىسرائىلىيەلىكنى گۆرۈگە ئېلىپ تۈتۈپ كەتكەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارىتا «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر