مىسىر ئارقىلىق غەززەگە يېقىلغۇ يۆتكەش باشلاندى

ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «توقۇنۇشلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىش كېلىشىمى» دائىرىسىدە، يېقىلغۇ قاچىلانغان يۈك ماشىنىلىرىنىڭ مىسىردىن غەززەگە كىرىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2068411
مىسىر ئارقىلىق غەززەگە يېقىلغۇ يۆتكەش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «توقۇنۇشلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىش كېلىشىمى» دائىرىسىدە، يېقىلغۇ قاچىلانغان يۈك ماشىنىلىرىنىڭ مىسىردىن غەززەگە كىرىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رەفاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ غەززە تەرىپىدىكى مەنبەلەر، يېقىلغۇ ۋە ئاشخانىلاردا تەبىئىي گاز قاچىلانغان يۈز ماشىنىلىرىنىڭ غەززە تەرەپكە ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا يېقىلغۇ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ مەشغۇلاتى توختاپ كەتكەن، قۇتقۇزۇش ماشىنلىرى مۇلازىمەت قىلالمىغان، دوختۇرلار يانفونلارنىڭ چىراغلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوپېراتسىيەلەرنى قىلغانىدى.

غەززەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدىلا، رايوندىكى بىردىنبىر ئېلېكتر ئىستانسىسى يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن توك ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقانىدى.

كېيىن، دوختۇرخانا، تېلېگراف شىركەتلىرى، ساغلاملىق مەركەزلىرى، ئۆيلەر ۋە قۇدۇقلاردىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان گېنېراتورلارنى قوزغىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان يېقىلغۇ تۈگەپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر