غەززەدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش باشلاندى

ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن غەززە رايونىدا تۆت كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچى باشلاندى.

2068316
غەززەدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن غەززە رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملارنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش نىشان قىلىنغان تۆت كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچى باشلاندى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشلارنى توختاتقاندىن كېيىن، «رەفاھ چېگرا ئېغىزى» دىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى غەززە رايونىغا توشۇشقا باشلايدۇ.

قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدا، تۇنجى كۈنى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەردىن قويۇپ بېرىلىدىغان بىر ئائىلىدىن 13 ئايال ۋە بالا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16: 00 دە «رەفاھ چېگرا ئېغىزى» غا قاراپ ماڭىدۇ. خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئەسىرلەرگە ياردەم قىلىدۇ. مىسىردا ساقلايدىغان ۋە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان بۇ ئەسىرلەر، ئىسرائىلىيە تېررىتورىيەسىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا سالاھىيەت، ساغلاملىق ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتىدۇ.

ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغان پەلەستىنلىك ئاياللار بىلەن بالىلار بولسا، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى «ئوفېر ھەربىي تۈرمىسى» دە توپلىنىدۇ.

بىرىنچى كۈنى قويۇپ بېرىلىدىغان، سانى ۋە سالاھىيىتى تېخى ئاشكارىلانمىغان پەلەستىنلىك ئەسىرلەر، بۇ يەردىن بەيتۇنىييە رايونىدىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلىپ، پەلەستىن دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

تۆت كۈن بويىچە قويۇپ بېرىلىدىغان 50 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ بەدىلىگە 150 پەلەستىنلىك ئەسىر قويۇپ بېرىلىدۇ.

غەززە رايونىدا 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋامىدا 6 مىڭ 150 دىن ئارتۇق بالا،  4 مىڭدىن ئارتۇق ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 مىڭ 854 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، قويۇپ بېرىلگەن ئەسىرلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇلارنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر