ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا 7 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ھۇجۇم ۋە بېسىپ كىرىشلەر جەريانىدا 6 نەپىرى تۇلكىرىم پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا بولۇپ، جەمئىي 7 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

2067606
ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا 7 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
israil bati seria baskin.jpg
israil bati seria baskin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىكلەردىن ۋە سەھىيە مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا بېسىپ كىرىپ ھۇجۇملارنى قىلغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تۇلكەرىم شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ، ھۇجۇمدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىمۇ ئىشلەتكەن.  

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تۇلكىرىمدە 6 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ تۇلكىرىم مۇساپىرلار لاگېرىغا سەھىيە ئەترەتلىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويمىغانلىقى ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىكى يارىدار پۇقرانىمۇ قولغان ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

كالكىلىيادىكى دەرۋىش نىزال دۆلەت دوختۇرخانىسى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئازۇن يېزىسىدائىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقى دۈمبىسىگە تەگكەن 30 ياشلىق ئەمىر ئابدۇراھمان مەجىد ھاياتىدىن ئايرىلغان.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <WAFA> مۇ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەلخەلىل شەھىرىدە 2 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يەنە بەيتلەھەم ئەتراپىدىكى دەھىشە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغىمۇ بېسىپ كىرىپ، بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەرنى قولغا ئالدى. ئاندىن ھۇجۇمغا ۋە بېسىپ كىرىشلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن رايوندىكى ئاھالىلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر