ئابدۇللاھيان: غەززەدىكى  قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرىنى سوتلىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ سوتلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2067511
ئابدۇللاھيان: غەززەدىكى  قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرىنى سوتلىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئابدۇللاھيان تۈنۈگۈن (21-نويابىر) تېھراندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىدا، چەت ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

ئابدۇللاھيان سۆزىدە ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى ئەسكەرتىپ: «(غەززەدىكى) ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن رەھبەرلەر ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ خەلقئارا سوتتا سوتلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئابدۇللاھيان: «تىرىشچانلىقلار مېۋە بېرىپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا قوغدىنىش ئىمكانى بولمىغان پۇقرالارنى، ئاياللارنى ۋە بالىلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈشنىڭ توختىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئابدۇللاھيان ئامېرىكانىڭ تېھران ھۆكۈمىتىگە، «رايوندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنى كونترۇللۇق ئاستىغا ئېلىش» ھەققىدە كۆپ قېتىم ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىراننىڭ رايوندا «ھېچبىر ۋاكالەتچى تەشكىلاتى» نىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئابدۇللاھيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ تېل ئاۋىۋغا قورال-ياراغ ئەۋەتىشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر