نەنسى فايسېر: «گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش مەسىلىسى بار»

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فايسېر گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش مەسىلىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

2067355
نەنسى فايسېر: «گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش مەسىلىسى بار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەنسى فايسېر گېرمانىيە ئىسلام كونفېرانسىدا قىلغان سۆزىدە، «مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، گېرمانىيەدىكى ھەر ئىككى كىشىدىن بىرىنىڭ «مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش» خاراكتېرلىك بايانلارنى قوللىغانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەنسى فايسېر: «گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش مەسىلىسى بار» دېدى ھەمدە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا ئالاقىدار دوكلاتتىكى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردىنمۇ كۆپ دۈشمەنلىك ۋەقەلىرى بار، دەپ تەخمىن قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.  

مىنىستىر فايسېر مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى تېخىمۇ بەك قوغداش ۋە قوللاش ئىمكانىيەتلىرىنى ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇملارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىش تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فايسېر ھەر بىر كىشىنىڭ گېرمانىيەدە بىخەتەر ياشاش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ: «مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك، ئوڭ قانات ئاشقۇنلۇق، يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە باشقا شەكىلدىكى ناتوغرا ئىستىللارغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر