پ ك ك تەرەپدارلىرى شىۋېتسىيەدە يەنە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى

شىۋېتسىيەدىكى ئىغۋاگەرچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تەرەپدارلىرى گوتېنبۇرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە تەشكىلاتنىڭ لاتىلىرىنى چىقىرىپ، تەشۋىقات قىلدى.

2065739
پ ك ك تەرەپدارلىرى شىۋېتسىيەدە يەنە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئىغۋاگەرچىلىكىنىڭ سۈرەتلىرى پ ك ك تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسلىرىدا تارقىتىلدى.

تۈنۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) تاشقى ئىشلار  كومىسسىيونى شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنى كېچىكتۈرگەنىدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنغان كېچىكتۈرۈش ئىلتىماسىدا: «مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان بولۇشى ۋە سۆھبەتلەر يېتەرلىك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تەكلىپتىكى ماددىلارنى مۇزاكىرە قىلماستىن ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى...» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنىدى.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىسسىيونىنىڭ بۇ قارارىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر