دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

بىر تەرەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.

2065124
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراينىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشى يىغىلىپ، پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

ۋاشىنگتوندىكى خوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.  

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىمۇ، «پەلەستىن ئۈچۈن ئەركىنلىك»، «نومۇسسىزلار!» ۋە «دەرھال ئۇرۇش توختىتىش كېرەك!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىققان نامايىشچىلار، غەززەدە مىڭلىغان كىچىك بالا ۋە ئاياللارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ساقچىلار كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان نامايىش، ۋەقە چىقماستىن تىنچ ئاخىرىلاشتى.  

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئالدىغىمۇ مىڭلىغان كىشى يىغىلىپ، پەلەستىننى قوللايدىغان شوئارلارنى توۋلىدى ۋە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

لوندوندا ياشايدىغان پراۋۇسلاۋىيە يەھۇدىيلىرىمۇ پارلامېنتنىڭ ئالدىدا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى.

چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادىمۇ پەلەستىن ئۈچۈن ئەركىنلىك نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ئولد تاۋن مەيدانىغا يىغىلغان نامايىشچىلار «پەلەستىن ئۈچۈن ئەركىنلىك»  دەپ شوئار يىزىلغان لوزۇنكىلار بىلەن  پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ پەلەستىننى قوللايدىغانلىقلىرىنى نامايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر