ئىسرائىلىيە شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر ۋە تۇغۇت بۆلۈمىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدە شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر ۋە تۇغۇت بۆلۈمىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

2063550
ئىسرائىلىيە شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر ۋە تۇغۇت بۆلۈمىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسغا قىلغان ھۇجۇمىدا، ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى بىر بىمار بىلەن ئىككى بوۋاق جېنىدىن ئايرىلدى.

بۇنىڭ بىلەن، 7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 11 مىڭ 180 گە ئۆرلىدى.

چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى شىفا دوختۇرخانىسىدىكى خادىملىرىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى غەززەدىكى دوختۇرخانىلاردا، بولۇپمۇ شىفا دوختۇرخانىسىدا ئاپەت بولۇۋاتقانلىقىنى، بىمارلارنىڭ داۋالاش مۇمكىن بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە-لىۋان چېگراسىدىمۇ جىددىيچىلىك يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

ئىسرائىلىيە ھىزبۇللاھنىڭ بەزى نىشانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىزەددىن قاسسام بىرىگادىلىرى 7- ئۆكتەبىردە «ئىسرائىلىيەنىڭ بولۇپمۇ مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق مۇقەددەس قىممەت قاراشلىرىغا قاراتقان ئۈزلۈكسىز دەخلى-تەرۇزلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش» ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان ۋە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ غەززە رايونىغا كۈچلۈك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تۇقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بىلدۈرىشىچە، قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ قولىدا 239 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر