ئامېرىكانىڭ ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلانىدا بەش خادىم قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلانىدىكى بەش خادىمنىڭ ھەممىسنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2063599
ئامېرىكانىڭ ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلانىدا بەش خادىم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابى (EUCOM)  10- نويابىر (2023) دا ھەربىي مەشىق دائىرىسىدە، ھاۋادا يېقۇلغۇ قاچىلاش جەريانىدا ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىدىكى بەش خادىمنىڭ ھەممىسنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، «ئامېرىكانىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى ھەربىي مەشىق دائىرىسىدە ھاۋادا يېقۇلغۇ قاچىلاش جەريانىدا ئاقدېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى. ئايروپىلاندىكى بەش ھەربىي خادىمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ۋەقەدىن كېيىن دەرھال ئامېرىكانىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ھەربىي ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاقدېڭىزغا ئىككى ئاۋىياماتكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ھەربىي كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە رايوندا مانېۋىر باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر