شىفا دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار دۇنياغا نالە قىلدى

پەلەستىن غەززە شىفا دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى فادىيا مالخىس شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

2063366
شىفا دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار دۇنياغا نالە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: فادىيا مالخىس ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىۋاتقانلارنىمۇ ئوققا تۇتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىزنى قۇتۇلدۇرۇڭلار! بۇ ئۇرۇشنى توختىتىڭلار! بولمىسا بىزمۇ ئۆلىمىز» دېگەن سۆزلىرى بىلەن دۇنياغا چاقىرىىق ئېلان قىلدى.

مالخىس دوختۇرخانىدا توك يوقلىقىنى، ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىدىكى ئىنكۇباتوردىكى بوۋاقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ھالغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئېغىر كېسەللەر ئىچىدە 60 بوۋاق بار، ئۇلارنىڭ 39 نەپىرى ئوكسىگىنگە باغلاغلىق. چۈشتىن كېيىن بىر بوۋاق قازا قىلدى. بۇلار كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدى» دېدى.

فادىيا مالخىس ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانا رايونىنى قورشىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇلار دوختۇرخانىدىن چىقماقچى بولغانلارنى ئوققا تۇتىۋاتىدۇ. دىتۇرخانا بۆلۈملىرى ئارىسىدا ھەرىكەت قىلغانلارنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرمەكتە. باغچىدا جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ئالدىدا نۇرغۇن كىشى شېھىت قىلىندى. ئەھۋال ئىنتايىن چاتاق ۋە خەۋپ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە» دېدى.

فادىيا مالخىس ئىلگىرى دوختۇرخانىدا (ۋە مەكتەپ ھويلىسىدا پاناھلانغان) 60 مىڭ كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى 2 كۈندە شىفا دوختۇرخانىسىنى قاتتىق بومباردىمان قىلغانلىقىنى ھەمدە بىمارلار، دوختۇرلار، سىستىرالار ۋە دوختۇرخانا خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان  تەخمىنەن 17 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ھازىرمۇ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فادىيا مالخىس بەزى كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىدىن قاچالىغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يولدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «سۇسىز، توك ۋە يېمەكلىكسىز تۈرمىگە ئوخشايدۇ. باغچىدا 100 دىن ئارتۇق شېھىت بار. شېھىتلەرنى دوختۇرخانا باغچىسىغا دەپنە قىلماقچى بولغانلارنىمۇ ئېتىپ ئۆلتۈردى. دوختۇرخانا باغچىسى شېھىتلەر بىلەن تولدى. بەزىلەر دوختۇرخانىدىن قېچىشقا تىرىشتى ئەمما ئۇلارنىمۇ ئېتپ ئۆلتۈردى» دېدى.

ئىسرائىلىيە تانكىلىرىنىڭ دوختۇرخانىنىڭ بېغىچىسىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مالخىس دۇنيانى چاقىرىق ئېلان قىلىپ:

«ئارىمىزدا بىر مېتىرمۇ مۇساپە يوق، ئىسرائىلىيە تانكىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا تۇرىدۇ. كىم چاقسا شۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرمەكتە، ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەنمۇ ئېتىپ ئۆلتۈمەكتە. ئۇلار شىفا دوختۇرخانىسىنى قورشىۋالدى. ئىنتېرنېت ئۇلىنىشى يوق. بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭلار! بۇ ئۇرۇشنى توختىتىڭلار! بولمىسا بىزمۇ ئۆلىمىز. ھەممە يەردە ئۆلۈكلەر بار. بىزنى قۇتۇلدۇرۇڭلار!  ئەھۋال ئىنتايىن ناچار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر