ئىسرائىلىيە: سۈرىيەدە بىر تەشكىلاتقا زەربە بەردۇق

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۆنۈگۈن (9-نويابىر) بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئېيلات شەھىرىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيەدىكى بىر «تەشكىلات» قا زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2062908
ئىسرائىلىيە: سۈرىيەدە بىر تەشكىلاتقا زەربە بەردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، ىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قىزىل دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئېيلات شەھىرىدىكى بىر مەكتەپ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا جاۋابەن «سۈرىيەدىكى بىر تەشكىلات» قا زەربە بەرگەن.

باياناتتا، ئېيلات شەھىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇنداق ئۇرۇنۇشلارغا «قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرى، تۈنۈگۈن ئەيلات شەھىرىدە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بىر مەكتەپكە سوقۇلۇپ كېتىپ، مەكتەپنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ تەسادىپىي ياكى ھۇجۇم نەتىجىسىدە چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر