ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

2062737
ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىراننى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ئۈچ، سۈرىيەدىكى بىر ھەربىي بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ ئەربىل ۋىلايىتىدىكى بىر ھەربىي بازىسى كەچ تەرەپلەردە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ھۇجۇم جەريانىدا، بازىدىكى يېقىلغۇ ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

ئوخشاش ۋاقىتتا، ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىدىكى ئىراق ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىلىۋاتقان ئەين ئەلئەسەد ھەربىي بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇسۇلدىكى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ بەزى ئاپتوموبىللار زىيانغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، يېنىك يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر