ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تا يەنە ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2061513
ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەربىي قىرغاقتا كېچە بويىچە باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، كەم دېگەندە ئىككى ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 12 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 7- ئۆكتەبىردىن بويان كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، كەم دېگەندە 47 پەلەستىنلىك قولغا ئېلىنغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن سەھەر جېننىن مۇساپىرلار لاگېرى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەر توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كەم دېگەندە 164 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا بولغان.

ھۇجۇملار جەريانىدا، 2200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر