خەلقئارا سەھنىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارىتا نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

2061210
خەلقئارا سەھنىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارىتا نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا پۇقرالارنى قوغداشنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ «ھەر كۈنى بالىلار ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، يارىلىنىۋاتقان غەززەنىڭ بالىلارغا نىسبەتەن قەبرىستانلىققا ئايلانغانلىقى»نى تەكىتلەپ: «بىز غەززەدە شاھىت بولۇۋاتقان خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا دەپسەندە قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى.

رايوندا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تىلغا ئالغان گۇتېررېس، ب د ت ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ غەززە ۋە غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تىكى 2 مىليون 700 مىڭ كىشى ئۈچۈن، بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى توپلاش سەپەرۋەرلىكى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل ئىسرائىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دائىمىي دوستى ۋە ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پۇقرالارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

مىشېل ئۆتكەن ھەپتە چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلەپ، كەلگۈسىدىكى مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىقلا روياپقا چىقىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ غەززە ۋەزىيىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىكى ھۇجۇملار جەريانىدا، پۇقرالارنى قوغداشنىڭ شەرت ئىكەنلىكنى ئەسكەرتتى.

ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تېببۇن چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشى كېرەك»  دېدى ۋە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرگە چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى غەززەدە تولۇق ئەسلىھەلەشكەن ئۇنىۋېرسال دالا دوختۇرخانىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان 6- قېتىم يىغىن چاقىرغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، يەنە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا يېپىق يىغىن ئېچىپ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە  توقۇنۇشىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى روبېرت ۋۇد يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «تېخى كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىدى» دېدى.

ئۇ، يىغىندا ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، ئەمما كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە ھېلىھەم بۇ مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ  ھۆرمەت ۋە ھوقۇقىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ غەززەنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر