نېتانياھۇ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە گە قاراتقان ئۇرۇشنى توختاتمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىدا پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنىڭ قولىدىكى ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمىگىچە ئۇرۇشنى توختاتمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2060644
نېتانياھۇ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە گە قاراتقان ئۇرۇشنى توختاتمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: نېتانىياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن، غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنىڭ قولىدىكى ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمىگىچە ئۇرۇشنى توختاتمايدىغانلىقلىرىنى، بۇنى ھەم دۈشمەنلىرىگە ھەم دوستلىرىغا ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 3-نويابىر(2023) دا  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە  قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىسرائىلىيەمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونى بومباردىمان قىلىپ «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇرۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر