دانىيال خاگارى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە رايونىنى ئىككىگە بۆلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىنى ئىككىگە بۆلگەنلىكلىرىنى ۋە  غەززە شەھىرىنى پۈتۈنلەي قورشاۋ ئاستىغا ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

2060658
دانىيال خاگارى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە رايونىنى ئىككىگە بۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيە باياناتچىسى دانىيال خاگارى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

خاگارى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە شەھىرىنى پۈتۈنلەي قورشاۋ ئاستىغا ئالغانلىقىنى ۋە غەززە رايونىنى ئىككىگە ئايرىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن غەززەنىڭ شىمالى ۋە غەززەنىڭ جەنۇبى بار» دېدى.

خاگارى غەززەنىڭ شىمالىدىكى پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ جەنۇبقا ئۆتۈشىگە يول قويىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

خاگارى غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا دائىر سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرىپ، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھازىر رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى ھالېۋىمۇ ئۆزلىرىنىڭ لىۋان بىلەن چېگرا لىنىيەسى بولغان شىمالدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە  قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىسرائىلىيەمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونى بومباردىمان قىلىپ «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇرۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان پات-پات ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر