نېتانياھۇ: ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمەي تۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلىمىز

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ غەززەدىكى ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمەي تۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

2060207
نېتانياھۇ: ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمەي تۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىتانىياھۇ تۈنۈگۈن تېل ئاۋىۋنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، يالغۇز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى جەريانىدا «ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش»قا ۋە غەززەگە يېقىلغۇ كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

نېتانياھۇ ئامېرىكانىڭ ۋاقىتلىق ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى تىلغا ئالماستىنلا، ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى «پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرى»نى بىلدۈردى.

«ئىسرائىلىيە (ھاماسنىڭ قولىدىكى) غەززەدىكى ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمەي تۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلىدۇ. بىز غەززەگە يېقىلغۇ كىرىشىگە يول قويمايمىز ۋە پۇل ئەۋەتىلىشىگە قارشى تۇرىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، لىۋان ھىزبۇللاھى باش كاتىپى ھەسەن نەسرۇللاھنىمۇ غەززە ئۇرۇشىغا ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى ۋە تەھدىت سېلىپ: «بىزنىڭ تومۇرىمىزنى تۇتماڭلار. بۇ ئىشنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ. بۇ خاتالىقنىڭ سىلەر ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان بەدەللىرى بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر