ئىسرائىلىيە قىزىل دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئورۇنلاشتۇردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قىزىل دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

2058882
ئىسرائىلىيە قىزىل دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

 «ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ۋە رايوندىكى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش پىلانىغا ئاساسەن، دېڭىز ئارمىيەمىزگە تەۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاراخوتلىرى قىزىل دېڭىز رايونىغا يېتىپ باردى.»

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار تۈنۈگۈن (31-ئۆكتەبىر) ئىسرائىلىيەگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قىزىل دېڭىز رايونىدىن ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قويۇپ بېرىلگەن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھاۋادا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇ يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان  پايتەخت سانائا ۋە باشقا بەزى رايونلارنى كونترول قىلىۋاتقان ھۇسىيلارنىڭ، ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان بىر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئۈستىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر