بايدىن ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن  پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي قوغلاپ چىقرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى 2- ئابدۇللاھ پەلەستىنلىكلەرنى غەززەدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقارماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

2058979
بايدىن ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن  پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي قوغلاپ چىقرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بايدىن ئىيوردانىيە پادىشاھى 2- ئابدۇللاھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

سۆھبەتتە،غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان رەھبەرلەر، رايوندىكى پۇقرالارغا قىلىنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى كۆپەيتىش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئاساسىي مۇلازىمەتلەرنى قايتىدىن باشلاش توغرىسىدىكى ئورتاق ۋەدىلىرىنى بىر-بىرىگە يەتكۈزگەن.

بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلغاندا، پۇقرالارنىڭ ھاياتىنى قوغداش ۋە خەلقئارا  قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بايدېن پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ «رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوللاش رولى» غا رەھمەت ئېيتتى ۋە ھالقىلىق ئىتتىپاقداش دەپ تەرىپلىگەن ئىيوردانىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىسرائىلىيەمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر