زېلېنسكىي: رۇسىيە قارا دېڭىزنى دېڭىز قاتنىشى خەتەرلىك رايونغا ئايلاندۇردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ قارا دېڭىزنى دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان بىر رايونغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

2058515
زېلېنسكىي: رۇسىيە قارا دېڭىزنى دېڭىز قاتنىشى خەتەرلىك رايونغا ئايلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۈگۈننىڭ «خەلقئارا قارا دېڭىز كۈنى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي قارا دېڭىزنىڭ پەقەت قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە يەر شارى يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «رۇسىيە ئۇرۇش، تاجاۋۇزچىلىقى ئارقىلىق بۇ يەرنى دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى خەتەر ئاستىدا قالغان بىر رايونغا ئايلاندۇردى. قارا دېڭىزنى تىنچلىق، سودا ۋە تەرەققىيات ساھەسى بولۇش رولىغا قايتىدىن ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىمىزنى بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر