ئامېرىكا: بىز ھازىر ئۇرۇش توختىتىش ھاماسقا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمىز

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك بومباردىمانلىرى ئاستىدىكى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش چاقىرىقلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بىز ھازىر ئۇرۇش توختىتىش ھاماسقا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.

2058093
ئامېرىكا: بىز ھازىر ئۇرۇش توختىتىش ھاماسقا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ غەززەدىكى پۇقرالارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى قاراشلار ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ھازىر ئېلان قىلىنىدىغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ توغرا جاۋاب بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز. بىز ھازىر ئۇرۇش توختىتىش ھاماسقا پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.

كىربى دۆلىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئورنىغا غەززەدىكى زوراۋانلىقتىن قېچىشنى ئويلىشىۋاتقان پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ رايونغا يەتكۈزۈلۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان «ۋاقىتلىق ئىنسانىي توختاپ تۇرۇشلار»غا قىزغىن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر