داغىستان خەلقى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانىنىڭ ئايرودۇرۇمغا قونغانلىقىغا نازازىلىق بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ داغىستان ئاپتونوم رايونىدا ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن بىر ئايروپىلان سەۋەبىدىن نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 20 كىشى يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ماخاچكالا ئايرودۇرۇمىغا ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن بىر ئايروپىلاننىڭ قونغانلىقىنى ئاڭلانغان داغىستان خەلقى ئايرودۇرۇمغا بېسىپ كىردى.
قوللىرىدا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەلىك يولۇچىلارنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقىنى ۋە ئايروپىلاننى دەرھال تېل ئاۋىۋغا قايتۇرۇۋىتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ساقچىلار ئايرودۇرۇمدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، بۇ ئەسنادا نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
ۋەقەدە كەم دېگەندە 20 كىشى يارىلىنىپ، 60 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئايرودۇرۇمنىڭ 6-نويابىر (2023) غىچە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئۈچۈن ۋاقتىنچە تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.