بايدىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2056139
بايدىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر، ھاماس تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، غەززەدىن ئايرىلماقچى بولغان چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا دەرھال چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ۋە ئۇ يەردىكى پۇقرالارنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالىرىنى تېررورىزمدىن قوغداش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، بۇنى چوقۇم خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا بۇ كىرىزىستىن كېيىنكى تاشلانغۇسى قەدەمنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق يولى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بايدىن بىلەن نېتانياھۇ داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرۇش توغرىلىق بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد جېيمس ئوستىن بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

 ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، رايوندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە غەززەدىكى پۇقرالارنى قوغداش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر