دونالد ترامپ قايتا سايلانسا كۆچمەنلەرگە قارىتا «ئىدىيەۋى تەكشۈرۈش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2024-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قايتا سايلانسا، ساياھەت چەكلىمىسىنى قايتىدىن ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ۋە كۆچمەنلەرگە قارىتا «ئىدىيەۋى تەكشۈرۈش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2055401
دونالد ترامپ قايتا سايلانسا كۆچمەنلەرگە قارىتا «ئىدىيەۋى تەكشۈرۈش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىكى مۇناسىۋى بىلەن يېڭى خامپشىردا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا: «بارلىق كۆچمەنلەرگە قارىتا كۈچلۈك ئىدىيەۋى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمەن» دېدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھاكىمىيىتى دەۋرىدە مىليونلىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىاا كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانىنى قايتا تەكىتلىدى.

ترامپ: «ئەگەر ئامېرىكانى ئۆچ كۆرسىڭىز، ئىسرائىلىيەنى يوقىتىشنى ئويلىسىڭىز، دىنىمىزنى ياقتۇرمىسىڭىز- دېمىسىمۇ نۇرغىنى ياخشى كۆرمەيدۇ- جىھادچىلارغا ھېسداشلىق قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بىز دۆلىتىمىزدە سىزنى خالىمايمىز» دېدى.

ترامپ بايدىننى «ئىقتىدارسىزلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئامېرىكانى ئاخىرقى رەتكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىسرائىلىيە - ھاماس توقۇنۇشىنى ئىما قىلغان ھالدا ئوتتۇرا شەرقتىكى ھازىرقى مالىمانچىلىققا بايدىننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر