ياۋروپانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرقىنى ئېلان قىلىشى كېيىنگە سوزۇلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشىنى ۋاقىتلىق توختىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلىشى، بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا كېچىكتۈرۈلدى.

2055074
ياۋروپانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرقىنى ئېلان قىلىشى كېيىنگە سوزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ليۇكسېمبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، توقۇنۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش چاقىرىقى مۇزاكىرە قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل يىغىن ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن توقۇنۇشلارنى ۋاقىتلىق توختىتىش چاقىرىقىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بىرلىكىنىڭ ھاسىل قىلىنىپ-قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇرۇش توختىتىش بىلەن توقۇنۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنىڭ پەرقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ توقۇنۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىغاندا ئاسان ۋە تېزلىكتە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىلىشىمچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى توقۇنۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى زۆرۈر دەپ ئويلايدۇ. بۇ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇھىم. ئەكسچە بولغاندا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن»دېدى.

ئۇ 26-27-ئۆكتەبىر (2023) كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدا توقۇنۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىش ياكى ئۇرۇش توخقتىتىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغان ۋە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ پاناھلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شەكىلدە توقۇنۇشلارنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى، رەھبەرلەرمۇ قوللايدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئۇ ھاماسنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇن رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكرارلىدى ۋە: «خەلقئارا قانۇن بويىچە، قورشاۋدا قالغان كىشىلەرنى سۇ ۋە توكتىن مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر