ئىسمائىل ھانىيە: «غەرب مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىغا يىقىلمايدىغان سېىل سوقتى»

ھاماس ھەرىكىتى سىياسى ئبېيۇرىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھانىيە غەربنىڭ مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىغا يىقىلمايدىغان سېىل سوققانلىقىنى ئېيتتى.

2055202
ئىسمائىل ھانىيە: «غەرب مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىغا يىقىلمايدىغان سېىل سوقتى»

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «Quds Press» خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسمائىل ھانىيە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا،  كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقنى قوللاۋاتقان غەرب دۇنياسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئارخىپىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسىدىن يۇيۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسمائىل ھانىيە: « غەرب مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىغا يىقىلمايدىغان سېىل سوقتى» دېدى.

ئىسمائىل ھانىيە ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسى رەھبەرلىرىگە قارىتا: «ئاللاھ يولىدا غەزەپلىنىشىڭلار ئۈچۈن يەنە قانچىلىك قىرغىنچىلىق ۋە قان لازىم سىلەرگە؟» دەپ سوئال تاشلىدى.

ئىسمائىل ھانىيە رەھبەرلەرنىڭ غەززەدىكى بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىڭ بۇنچە قېنى تۆكۈلۈشىگە قارشى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھانىيە: «غەربىي قىرغاق ئۈچۈنمۇ شېھىتلەر تالۇنى ئانچە ئۇزاقتا ئەمەس» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغاندىن سىرت قوراللىق گۇرۇپپىلار ئولتۇراق رايونلارغىچە بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن تۇقۇتۇشتا ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر