جو بايدىن بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2055185
جو بايدىن بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بايدىن سۆھبەتتە ھاماسنىڭ قولىدىكى ئىككى تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدىن ئامېرىكا پۇقرالىرى قاتارلىق غەززەدىكى بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ رايوندىن بىخەتەر ئايرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

بايدېن غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىرىشىنىڭ داۋاملىششى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، نېتانياھۇغا ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ھەربىي جەھەتتىن قانداق قوللىغانلىقى ھەققىدە  مەلۇمات بەرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىنمۇ ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپدىشى يوۋ گاللانت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئوستىن سۆھبەتتە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئېقىشى ۋە ئۇ يەردىكى پۇقرالارنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئىككى مىنىستىر يەنە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتا داۋاملىشىۋاتقان قوللاشلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغاندىن سىرت قوراللىق گۇرۇپپىلار ئولتۇراق رايونلارغىچە بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن تۇقۇتۇشتا ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر