ئىيوردانىيە پادىشاھى غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

2054096
ئىيوردانىيە پادىشاھى غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان «قاھىرە تىنچلىق باشلىقلار يىغىنى» دا، «بىزنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىمىز ئېنىق ۋە تەخىرسىز. ئالدى بىلەن غەززەگە قارشى ئۇرۇش دەرھال توختىتىلىشى كېرەك. پۇقرالارنى قوغداش ۋە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىق مەسىلىسىدە ئورتاق قىممەت قاراش ۋە كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىغا ماس ھالدا ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا بۇنى مەلۇم بىر گۇرۇپپىغىلا تەدبىقلىغىنىمىزدا، بۇ قىممەت قاراشلار بارلىق مەنىسىنى يوقىتىدۇ» دېدى.

ئىيوردانىيە پادىشاھى غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، يېقىلغۇ، يېمەكلىك ۋە دورىلارنى ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزۈشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

پادىشاھ ئىككىنچى ئابدۇللاھ پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەدىن مەجبۇرىي كۆچۈشى ھەققىدىمۇ توخىلىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىشىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.

پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ: «بۇ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن بىر ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ھەممىمىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىزدۇر» دېدى.

پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز غەززەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رەھىمسىز بومباردىماننى ۋە ياردەمگە موھتاج قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى كوللېكتىپ جازالاش ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز. بۇ ئېنىقلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىشى ۋە  ئۇرۇش جىنايىتىدۇر»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر