جو بايدىن: ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان سالماقچى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھاماسنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2054076
جو بايدىن: ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە زىيان سالماقچى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جو بايدىن قاتناشقان بىر ياردەم توپلاش يىغىنىدا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئۇلار مېنىڭ سەئۇدىيلىقلار بىلەن بىر ئۈستەلگە كېلىدىغانلىقىمنى بىلەتتى. سەئۇدىيلىقلار ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلماقچى ئىدى» دېدى ۋە ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىش مۇساپىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان 20-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ماھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى  تەكىتلەپ، «بۈگۈن غەززەدە بىز شاھىت بولغان ۋە بەدىلىنى بىگۇناھ پۇقرالار ئۆتەۋاتقان شۇنداقلا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىقلارنى كۆرۈش بىزنى قايغۇغا سالماقتا» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر