قەسسام بىرىگاداسى ئامېرىكالىق ئىككى ئەسىرنى قويۇپ بەردى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى بولغان ئىززۇددىن قەسسام بىرىگادىسى قاتارنىڭ تىرىشچانلىقىغا جاۋابەن ئامېرىكالىق ئانا – قىز ئىككى ئەسىرنى ئىنسانىي سەۋەبلەردىن قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2053901
قەسسام بىرىگاداسى ئامېرىكالىق ئىككى ئەسىرنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەسسام بىرىگادىسى باياناتچىسى ئەبۇ ئۇبەيدە ئۆزىنىڭ تېلېگرامما سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، قەسسام بىرىگاداسىنىڭ قاتارنىڭ تىرىشچانلىقىغا جاۋابەن ئامېرىكالىق ئانا- قىز ئىككى ئەسىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ بۇ قىلغىنىمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە دۇنياغا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئۇنىڭ فاشىست ھۆكۈمىتىنىڭ سەپسەتىلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قەسسام بىرىگاداسى باياناتچىسى بۇنىدڭىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، قوللىرىدا 200 بىلەن 250 ئارىلىقىدا ئەسىر بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

بۇ جەرياندا، ئىسرائىلىيە تەرەپ ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززۇددىن قەسسام بىرىگاداسى قويۇپ بەرگەن ئامېرىكالىق ئىككى ئەسىر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە مەھبۇسلار ۋە غايىب بولغانلار ئىشلىرى ئىشخانىسى ماسلاشتۇرغۇچىسى گال خىرشنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئەسىرنى غەززە چېگراسىدا قارشى ئالغانلىقى ۋە ئامېرىكالىق ئانا - قىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بىر ھەربىي ئورۇنغا قاراپ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر