پ ك ك/ي پ گ ئىككى قىزنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى قامىشلى ناھىيەسىدىن ئىككى قىز بالىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى.
2053735
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان بالىلارنى سەپلىرىگە قېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، 14 ۋە 15 ياشلار چامىسىدىكى ئىككى قىز بالىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى.
پ ك ك/ي پ گ تۇتقۇن قىلىنغان بۇ بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلىدى.
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنى قوراللىق مەشىق لاگېرلىرىغا ئېلىپ بېرىپ تەربىيەلىمەكتە.
پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى 7-ئايدا، ھاسەكە ۋىلايىتى مەركىزىدىن 6، قامىشلى ناھىيەسىدىن 7، مۈنبىچ ناھىيەسىدىن 4، ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ شەيخ مەقسۇد ناھىيەسىدىن بىر بالىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقانىدى.