ئىسرائىلىيە غەززەدىكى دوختۇرخانا قىرغىنچىلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا

پەلەستىنن ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا بېسىمغا ئۇچرىماستىن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە غەززە رايونىدىكى دوختۇرخانا قىرغىنچىلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2052675
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى دوختۇرخانا قىرغىنچىلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، خەلقئارادىكى قوش ئۆلچەملەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە «غەززە رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى توختىتىش ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كىرىشى ئۈچۈن كارىدور ئېچىش تەلىپىنى رەت قىلىش ھوقۇقى» بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا، مەزكۇر قوش ئۆلچەملەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، خەلقئارا قانۇننىڭمۇ ھۆرمىتىنى پايخان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغىلا بېقىندى قىلىپ قويغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، مۇنداق دېيىىلدى:

«ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا قاراتقان ئۇرۇشىنى خەلقئارا بېسىملارغا ئۇچرىماستىن داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، غەززە شەھىرىدىكى ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىدا سادىر قىلغان ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇ ئارقىلىق غەززە رايونىنى ۋەيران قىلىپ، يوقىتىش ۋە خەلقىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇرۇنىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.»

باياناتتا، كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىلىرىنى قوغدايدىغان جاسارەتلىك بىر خەلقئارالىق پوزىتسىيە تەلەپ قىلىندى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورىنى ئېچىشى چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسزلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ قانداقتۇر غەززە رايونىدىكى پەلەستىن خەلقى ئۇچرىغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئاپەتلەرنى تەكشۈرۈش ياكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارغا قارىتىلغان ئۇرۇش قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەلكىسىىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن (17-ئۆكتەبىر) كەچتە غەززەدىكى ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 500 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر