ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيان 2778 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان غەززەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كېچىچە بومباردىمان قىلىپ چىقتى.

2051876
ئىسرائىلىيە غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي ھەربىي قانىتى بولغان ئىززۇددىن قەسسام بىرىگادىسىنىڭ 7- ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە ئىسرائىلىيەگە قارشى باشلىغان «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىدىن كېيىن باشلانغان پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 11- كۈنىگە قەدەم قويدى.غەززەدىكى سەھىيە مەنبەلىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خان يۇنۇس رايونىغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، نۇرغۇن يارىدارلار ناسىر داۋالاش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلغان.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى — ۋافانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، پاراخوتلىرى ۋە زەمبىرەكلىرى بىلەن كېچە بويىچە غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رەفاھ رايونىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. شەھەرنىڭ غەربىگە جايلاشقان رىمال مەھەللىسىدىكى بىر ئۆينىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، سەككىز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. نابلۇس شەھىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملاردىمۇ ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرمۇ، دەير ئەلبەلاھ رايونىدىكى بىر ئۆينىڭ بومباردىمان قىلىنىپ، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى نۇسەيرات ۋە شاتىئ مۇساپىرلار لاگېرلىرىنىمۇ كېچە بويىچە بومباردىمان قىلىپ چىققان.

شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تا سادىر قىلغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 61 گە يەتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قاچقان مىڭلىغان پەلەستىنلىكلەر غەززەنىڭ خان يۇنۇس شەھىرىدىكى ناسىر دوختۇرخانىسى ۋە ئۇنىڭ ھويلىسىدا پاناھلانماقتا.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا، ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر