بايدىننىڭ رايوندىكى زىيارىتى غەززە قىلىنىدىغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى كېچىكتۈرىشى مۇمكىن

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى مۇدىرى ئاموس يادلىن قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىغا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئېلىپ بېرىشى ئېھتىماللىقى بولغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى ئۈستىدە توختالدى.

2052134
بايدىننىڭ رايوندىكى زىيارىتى غەززە قىلىنىدىغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى كېچىكتۈرىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى مۇدىرى ئاموس يادلىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ رايوندىكى زىيارىتىنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىغا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى مەلۇم دەرىجىدە كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يادلىن ئىسرائىلىيەدىكى بىر رادىيوغا بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىىنىڭ  «ئېنىق» ئىكەنلىكىنى، ئەمما بىردىنبىر مەسىلە ئۇنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يادلىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ ئەتە ئىسرائىلىيەدە ئېلىپ بارىدىغان  زىيارىتىنى ئىما قىلىپ، بۇنىڭ ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى «مەلۇم دەرىجىدە كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسسام  بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئاتقاندىن باشقا يەنە، قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر