ئىسىرائىلىيەدە جىددىي ھالەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى

ئىسىرائىلىيە پارلامېنتى ھاماس بىلەن داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش بويىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان «جىددىي ھالەت ھۆكۈمىتى» نىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى.

2050405
ئىسىرائىلىيەدە جىددىي ھالەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە پارلامېنتى بايانات ئېلان قىلىپ، «ھاماس بىلەن ئۇرۇش داۋاملاشقان مۇددەتتە كۈچكە ئىگە بولىدىغان جىددىي ھالەت ھۆكۈمىتىنىڭ تۆت ئاۋازغا قارشى 64 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن تەستىقلانغانلىقى» نى بىلدۈردى.

باياناتتا، چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى ۋە سابىق باش مىنىستىر يائىر لاپىدنىڭ بۇ ھۆكۈمەتكە قاتناشمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

جىددىي ھالەت ھۆكۈمىتى كېلىشىمىنىڭ، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈشىگە ۋە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا سەۋەب بولغان «سوت ئىسلاھاتى» مەسىلىسىنىڭ توڭلىتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، «توقۇنۇش مەزگىلىدە، توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان، ھۆكۈمەت قوللىغان قانۇن تەكلىپ-لايىھەلىرىنىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.»

ئىسىرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى كان (KAN) نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جىددىي ھالەت ھۆكۈمىتى، باش مىنىستىر نېتانياھۇ بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرىدىن بېننىي گانتز ئوتتۇرىسىدا، گانتزنىڭ  «كۆك-ئاق» پارتىيەسىنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ مىنىستىر بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلگەن كېلىشىم نەتىجىسىدە قۇرۇلغان.

«كۆك-ئاق» پارتىيەسىنىڭ بەش ئەزاسى قاتناشقان كابېنت ئىچىدىن سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گانتز بىلەن ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ۋە باش مىنىستىر نېتانياھۇلارمۇ ئورۇن ئالدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام  بىرىگادىلىرى شەنبە (2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتالار ئېتىلغان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىككى تەرەپتنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلىرىدا، يۈزلىگەن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر