ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ قىسقىچە تارىخى

مانا بۇ 1946-يىلدىكى پەلەستىننىڭ خەرىتىسى.

2050098
ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ قىسقىچە تارىخى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مانا بۇ 1946-يىلدىكى پەلەستىننىڭ خەرىتىسى

بۇ 2023-يىلىدىكى پەلەستىن.

بۇ ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش مىڭلىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە مىليونلىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ 70 يىل ئىچىدە كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلدى.

1900-يىللارنىڭ بېشىدا پەلەستىن زېمىنىنىڭ تارايتىلىشى، ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن

كېڭىيىشىگە يول ئاچقان تارىخىي ۋەقەلەرگە بىر قاراپ چىقايلى.

پەلەستىن 1900-يىللارنىڭ بېشىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بۇ يەردە مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلار تىنچلىق ئىچىدە بىللە ياشايتتى. ياۋروپا قىتئەسىدە بولسا، تېئودور ھېرزل 1896-يىلى زىئونىستلار ھەرىكىتىنى باشلىدى. بۇ ھەرىكەت ئوتتۇرا شەرقتە، ئەگەر مۇمكىن بولسا، پەلەستىندە مۇستەقىل بىر يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى. زىئونىزم ھەرىكىتى ياۋروپا يەھۇدىيلىرىنىڭ پەلەستىنگە كۆچۈشى بىلەن تەڭ ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە بالفور خىتابنامىسى

 بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يىمىرىلىپ، پەلەستىن ئەنگىلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. ئەنگىلىيە 1917-يىلى بالفور خىتابنامىسى بىلەن پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پەلەستىندە ئولتۇراقلىشىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، رايوندا ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك مەيدانغا كەلدى.

ب د ت نىڭ 1947-يىلدىكى بۆلۈش پىلانى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەنگىلىيە 1947-يىلى فېۋرالدا ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ب د ت مۇنبىرىغا ئېلىپ كەلدى. ب د ت شۇ يىلى 11-ئايدا پەلەستىننى ئىككى دۆلەتكە ئايرىيدىغان پىلاننى قوبۇل قىلدى.

يەھۇدىي-ئىسرائىلىيە

ئەرەب-پەلەستىن

مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇقەددەس دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان قۇددۇس شەھىرى

ب د ت نىڭ كونتروللۇقىدا خەلقئارالىق رايونغا ئايلاندۇرىلىدىغان بولدى. يەھۇدىيلار ب د ت نىڭ بۆلۈش پىلانىنى قوبۇل قىلىپ، 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇستەقىل ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. زىئونىست قارا گۇرۇھلار 750 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆيلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلاردىن قالغان يەرلەرنى ئىگىلىدى. پانانھلانغۇچىغا ئايلانغان پەلەستىنلىكلەر بۇ كۈننى كېيىنچە ئەرەب تىلىدا «ئاپەت» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «ئەل ناقبا كۈنى» سۈپىتىدە خاتىرىلەشكە باشلىدى.

بىرىنچى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى

بۇنداق زېمىن تالان - تاراج قىلىنىشىغا قوشنا ئەرەب دۆلەتلىرى قارشى چىقتى. ئىسرائىلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن دەرھال تۇنجى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى پارتىلىدى. ئىسرائىلىيە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى ۋە بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ب د ت نىڭ بۆلۈش پىلانىغا ئاساسەن، پەلەستىن دۆلىتىگە تەقسىم قىلىنغان يەرلەرنىمۇ ئىگىلىۋالدى. ئاندىن رايوندىكى يەرلەر ئۈچكە بۆلىندى. ئىيوردانىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇس ئىشغال قىلدى. مىسىر، غەززەنى ئىشغال قىلدى. ئىسرائىلىيە دۆلىتى بولسا، غەربىي قۇددۇس قاتارلىق تارىخىي پەلەستىن زېمىنىنىڭ% 78 نى ئىگىلىۋالدى.

ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش

قېنى ئەمىسە 1967-يىلغا قاراپ باقايلى.

ئىسرائىلىيە بىلەن قوشنا ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش باشلاندى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا شەكىللەنگەن خەرىتىدە پەلەستىن زېمىنى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغاندەك كۆرۈنەتتى. گەرچە رەسمىي تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالانمىغان بولسىمۇ ئىشلار تىنچلىنىشقا باشلىدى. ئەمما كېيىن، ئىسرائىلىيەلىكلەر غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. (پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى) نىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن نەتىجىلەندى. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەر خىل ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ پەلەستىننى ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىدى.

پەلەستىن قارشىلىقى

ئۇرۇش نەچچىلىگەن يىللارغىچە داۋاملاشتى. پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئەڭ ئاخىرىدا تېررىتورىيەسىنىڭ بۆلىنىشىگە قوشۇلدى. لېكىن بۇمۇ توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرالمىدى. تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئەھۋالنى قانۇنسىز دەپ قوبۇل قىلدى.

پەلەستىنلىكلەر ھېس قىلغان ئۈمىدسىزلىك ئەرەب تىلىدا «ئىنتىفادا» دەپ ​​ ئاتىلىدىغان «توپىلاڭ» نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسىي ھەرىكەت سۈپىتىدە ھاماس بارلىققا كەلدى.

ئوسلو كېلىشىمى

ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تۇنجى ئوسلو كېلىشىمىىنى  1993-يىلى، ئىككىنچى ئوسلو كېلىشىمىنى 1995-يىلى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىملەر ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئايرىم-ئايرىم ئۈچ رايونغا بۆلۈش بىلەن نەتىجىلەندى.

A رايون: پۈتۈنلەي پەلەستىننىڭ كونتروللۇقىدا

B رايون: پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئورتاق كونتروللۇقىدا،

C رايون: پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقىدا.

ئەمما بۇ ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئۆزى باشقا بىر مەسىلىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

C رايون، ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دېھقانچىلىق يەرلىرىنىڭ سۇيى ۋە مىنېراللىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. پەلەستىنلىكلەرنىڭ بۇ مەنبەلەرگە ئېرىشىشى چەكلىك ھالغا چۈشۈرۈلگەن بولدى. كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىمۇ مەغلۇپ بولدى. ئۈمىدسىزلەنگەن پەلەستىنلىكلەر 2000-يىلى ئىككىنچى «ئىنفىدا» نى باشلىدى.

ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش، ھەتتا چەكلەش ئۈچۈن ئايرىش تاملىرىنى سېلىش ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى.

ئىسرائىلىيە 2005-يىلى غەززەدىن چېكىندى. ئەمما ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. ھاماس غەززەدە كۈچلەنگەندىن كېيىن، ئىنتايىن سېكۇلەر دەپ قارىغان پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلدى. ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە پەرقلىق بىر ھاكىيەتكە ئايلاندى. ئىسرائىلىيە غەززەدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن قورشاۋ ئاستىدىكى بۇ رايونغا قارشى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى چەكلەيدىغان بىر قامال قىلىشنى باشلىدى (2017).

پەلەستىنلىكلەرگە قارشى توختىماي ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار

ئىسرائىلىيە 2008 ، 2012 ، 2014 ۋە 2021-يىللىرى غەززەگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى. 2022-يىلى، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئەڭ ئەجەللىك بىر يىل بولدى. ئىسرائىلىيە 2023-يىلىمۇ غەززەگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلدى ۋە جېنىندا ئۆلۈملەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى.

ھاماس 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ئەڭ چوڭ ھۇجۇم بولغان «ئاقسا توفانى» ناملىق ھەرىكەتنى باشلىدى. ئىسرائىلىيە بۇ ھەرىكەتكە جاۋاب سۈپىتىدە پەلەستىنلىكلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى ھەمدە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەنى قاتتىق بومباردىمان قىلىشقا مەركەزلىەشكەن ھەربىي ھۇجۇم قوزغىدى.

(ئىسرا ئىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىدە) يۈز مىڭلىغان پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىندى ۋە ئونلارچە يىل ئىشغالىيەت ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى.

ئىسرائىلىيە رايوندىكى توقۇنۇشلارغا ئاخىرى خاتىمە بېرىپ، تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا يول قويامدۇ يوق؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر