ب د ت ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندىكى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش ياكى ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى غەززە ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەپلەرنى ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

2049728
ب د ت ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندىكى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش ياكى ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ غەززەگە مەسئۇل ئەمەلدارى ھەمادە ئەلبەيارى ئىشخانىنىڭ ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ھازىرقى باسقۇچتىكى قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى مۇھىم ئىش ئۇرۇش توختىتىش ياكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇرۇش توختىتىش. شۇنداق بولغاندا، ياردەم بەرگۈچىلەر ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلالىشى مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلغۇدەك بىخەتەر مۇھىتقا ئېرىشەلمىدۇق» دېدى.

«غەززەدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئېنىق. ۋەھىمىلىك شارائىت ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن» دېگەن بەيارى، ھازىرقى ئەھۋالدا ياردەم بېرىشنىڭمۇ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ شەھەردىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا توختىلىپ: «بىردىنبىر ئېلېكتر ئىستانسىسى يېقىلغۇ بولمىغاچقا، مەشغۇلاتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋال غەززەلىكلەرنىڭ ساغلاملىق ۋە سۇ مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنبە كەمچىل، تاشقى دۇنيا بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتۈشمە ئېغىزلىرى پۈتۈنلەي تاقىلىپ قالدى، شەھەردىكى تەمىنلەش زەنجىرى ئۈزۈلدى» دېدى.

ب د ت نىڭ پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ئورگىنى (UNRWA) تەييارلىغان مەركەزلەردە پاناھلىنىۋاتقانلار سانىنىڭ 280 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىدلۈرگەن بەيارى، ئورگانغا قاراشلىق بەزى مەركەزلەرنىڭ مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر