مەھمۇد ئابباس: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بار

پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش  ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى.

2047736
مەھمۇد ئابباس: ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بار

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <WAFA> نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابباس ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىزىددىن ئەل قاسسام بىرىگادىسىنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى باشلىغان «ئاقسا كەلكۈنى» ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك پۇقراۋى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن راماللاھتا بىر يەرگە جەم بولغان.

ئابباس يىغىندىكى نۇتۇقىدا، پەلەستىن خەلقىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، «پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىشغالىيەتچى كۈچلەر ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ تېررورلۇقتىن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار» دېدى.

پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس: «ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ۋە كۆچمەن شايكىلىرى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرگە قارشى پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىنى چىدامچانلىق بىلەن شۇنداقلا  قارشىلىق بىلەن تىك تۇرالىشىشغا كاپالەتلىك قىلالىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەش» بۇيرۇقى چۈشۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر