ئەلىيېۋ پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تېلېفونلاشتى.

2047648
ئەلىيېۋ پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ، تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ۋە خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، پۇتىننىڭمۇ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەلىيېۋگە رەھمەت ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەلىيېۋ بىلەن پۇتىننىڭ، كەلگۈسى ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر