2023 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نارگېس مۇھەممەدىگە بېرىلدى

2023- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئاياللار ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن قاماقتا يېتىۋاتقان ئىرانلىق پائالىيەتچى نارگېس مۇھەممەدىگە بېرىلدى.

2047377
2023 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نارگېس مۇھەممەدىگە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نارگېس مۇھەممەدىگە «ئىراندىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئاياللار ئۈچۈن قىلغان كۈرىشى» سەۋەبىدىن بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نارگېس مۇھەممەدىنىڭ «ھەممە ئادەم ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلغانلىقى» تەكىتلەندى.

نارگېس مۇھەممەدىنىڭ «جاسارەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ ئېغىر بەدەللىرىنى تۆلىگەنلىكى»گە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئۇنىڭ ئىراندا 13 قېتىم نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، بەش قېتىم ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە ئاخىرىدا 31 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

نارگېس مۇھەممەدىنىڭ «ئايال، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى ۋە ئەركىنلىك جەڭچىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ «سىستېمىلىق كەمسىتىش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىشى»غا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىرگە، ئىززەت –ھۆرمەت بىلەن ياشاش ھوقۇقىنى، شۇنداقلا پىكىر ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر