ئامېرىكا: پ ك ك غا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى— پ ك ك غا قارشى كۈرەشتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقى بىلەن «قەتئىي» بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2045416
ئامېرىكا: پ ك ك غا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن بىر سەپتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پ ك ك نىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

مىللېر بىر مۇخبىرنىڭ ئالدىنقى كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىنكى: «تۈركىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ك ك غا ۋە ئۇنىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە قارشى غەزەپلىنىش بار... ئامېرىكا ناتو ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن بىر تەشكىلات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «بىز پ ك ك غا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ پايتەختىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى «كۈچلۈك» ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىللېر، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ «تېزرەك ئەسلىگە كېلىشى»نى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر