ۋۇجىج: كوسوۋۇدىكى ھۇجۇمنى كوسوۋۇلۇق سېربلار قىلدى

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج كوسوۋۇنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا بىر كوسوۋۇ ساقچىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان ھۇجۇمنىڭ، كوسوۋۇلۇق سېربلار تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2041764
ۋۇجىج: كوسوۋۇدىكى ھۇجۇمنى كوسوۋۇلۇق سېربلار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندار ۋۇجىج قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ساقچىلارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ساقچى خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «بىر گۇرۇپپا كوسوۋۇلۇق سېرب بانژسكادا قاتناشنى توستى، ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە ئوق چىقاردى. نەتىجىدە بىر ساقچى خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى ۋە ئۆزئارا ئېتىشىش يۈز بەردى» دېدى.

ئۇ خەلقئارالىق ئورگانلارنى بىر قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، كوسوۋۇلۇق سېربلارنىڭ كوسوۋۇ باش مىنىستىرى ئالبىن كۇرتىنىڭ «تېررورلۇقى» غا چىدىيالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئۈمىد قىلىدىغىنى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش. سېربىيەنىڭ ناتو بىلەن توقۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خەلقئارالىق ئورگانلاردىن بالدۇرراق سېرب يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇنداق بولغاندا، سېربلار ئۆزلىرىنى سۈرگۈن قىلىنغاندەك ھېس قىلمايدۇ ۋە بۇنداق توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. خەلقنى تىنچلىقنى قوغداشقا ۋە سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىمەن. قان تۆكۈلمەسلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى» دېدى.

ئۇ كېينكى كۈنلەردە يېڭى قارارلارنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سېربىيە كوسوۋۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. خالىسا ھەممىمىزنى ئۆلتۈرسۇن. ھەر قاچان سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز، ئەمما كوسوۋۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى قەتئىي تونۇمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر