پاكىستان: قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى

پاكىستان قاراباغنى ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2040388
پاكىستان: قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇمتاز بېلۇچ پايتەخت ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسلامئابادنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردى.

ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ قاراباغنى ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بۇ پوزىتسىيە خەلقئارا قانۇنلارغا، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا تولۇق ماس كېلىدۇ» دېدى.

مۇمتاز زەھرا بېلۇچ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى توغرىسىدىكى قانۇنلۇق تەلىپىنى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ۋە رايوندا مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، پاكىستاننىڭ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدا مەيدانغا كەلگەن مىنا پارتلاش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن، ئەزەربەيجان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر