ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تۇنجى قېتىم كىيېۋدا ئېچىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2039263
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تۇنجى قېتىم كىيېۋدا ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 78 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)  ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان نيۇيوركتا ئاچقان بىرەسمىي يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە 133 دۆلەت بىلەن كۆرۈشۈپ، نۇقتىلىق ھالدا «كىلىمات ئۆزگىرىشى، سىجىل تەرەققىيات نىشانى، خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە ساھەسى ئىسلاھاتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى» قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «ئىمكانقەدەر كۆپ ب د ت ئەزاسىنىڭ تىنچلىق فورمىلاسىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مىنىستىرلىرىمىز شېرىكلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان بىخەتەرلىك ۋەدىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بوررېل، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېچىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم كىيېۋدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر