جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە - شىمالىي كورېيە ھەمكارلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ «قانۇنسىز ۋە ناھەق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2038891
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە - شىمالىي كورېيە ھەمكارلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت يون سۇك يېئول ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ شىمالىي كورېيە رۇسىيە ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق جازالارغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، «قانۇنسىز ۋە ناھەق» ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاقلىشىپ قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئەگەر پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى ھەر قانداق يادرو قورالى ئىشلىتىشكە ئۇرۇنسا، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۇ «ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىدىغان تېز سۈرئەتتە ئىزىپ تاشلاش خاراكتېرلىك ھەل قىلغۇچ ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى»نى  ئېيتتى.

پىرېزىدېنت يون سۇك يېئۇل يەنە، جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ يەردە «ھېچقانداق بىر دۆلەتنى چەتكە قېقىش ياكى ئالاھىدە بىرلەشمە قۇرۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى»نى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى چياڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاينىڭمۇ جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

يون سۇك يېئول، جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياپونىيەنىڭ  كورېيە يېرىم ئارىلى، رايوندىكى ساقىلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەمدە دۇنياۋى خىرىسلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتا خىتاينىڭ بەرپاچى رول ئوينىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى ئورتاق تونۇشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر