كېلىمات پائالىيەتچىلىرى لوندوندا نامايىش ئۆتكۈزدى
ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا كېلىمات پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى قاتمال يېقىلغۇ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
![كېلىمات پائالىيەتچىلىرى لوندوندا نامايىش ئۆتكۈزدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/dd05/8342/d827/650696a009770.jpg?time=1718735259)
![iklim aktivistleri londra gosteri.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e916/32cb/1666/650697b9d078e.jpg?time=1718735259)
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مۇھىت پائالىيەتچىلىرى ب د ت 78-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن باشلىنىدىغان «كېلىمات باشلىقلار ھەپتىلىك يىغىنى» دائىرىسىدە «كۆمۈر يېقىلغۇنى ئاخىرلاشتۇرۇش» شوئارى بىلەن پايتەختتىكى پارلامېنت مەيدانىغا توپلاشتى.
دۇنيا مىقياسىدا كۆمۈر يېقىلغۇ ئىشلىتىشنى توختىتىشقا چاقىرغان پائالىيەتچىلەر قوللىرىدا «كېلىمات ئۆزگىرىشى ئەمەس، سىستېما ئۆزگىرىشى لازىم»، «كۆمۈر، نېفىت ۋە بېنزىننى ئاخىرلاشتۇرۇش لازىم» ۋە «پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھازىر ھەرىكەتكە ئۆت!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.
ئەنگىلىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كەير ستارمېرنىڭ يۈز ماسكىسىنى تاقىۋالغان بىر تۈركۈم نامايىشچىلارمۇ نامايىش جەريانىدا يولغا بېنزىن تۆكتى.
كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرىدىغان خەلقئارا پۇقراۋىي ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى «Extinction Rebellion» قاتارلىق نۇرغۇن تەشكىلاتلار نامايىشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
نامايىشتا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمال يېقىلغۇ لايىھەلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.