ئاۋىستىرالىيە كوئالالار ئۈچۈن مۇھىم بىر قارارنى ماقۇللىدى

ئاۋىستىرالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئۆلكىسى (NWS) كوئالالارنىڭ نەسلىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەتلىك چوڭ كوئالا باغچىسىنىڭ بەزى جايلىرىدا دەرەخ كېسىشنى چەكلىدى.

2036580
ئاۋىستىرالىيە كوئالالار ئۈچۈن مۇھىم بىر قارارنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 8400 گېكتاردىن ئارتۇق ئورماننى قاپلىغان 106 «كوئالا مەركىزى» دە دەرەخ كېسىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋىستىرالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي گاللېر ئۆلكىسى (NWS)  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى پېننىي شارپې بۇ قارارنىڭ كوئالالارنىڭ نەسلى يوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ماقۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاۋىستىرالىيەگە خاس سۈت ئەمگۈچى ھايۋان تۈرىگە كىرىدىغان كوئالالار ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرگە يامىشىپ ياشايدىغان بولغاچقا ئورمان كېسىشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىماقتا ئىدى.

2021-يىلدىكى بىر تەتقىقاتتا ئەگەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىسا، تېزلا ياشاش ساھەسى تارىيىۋاتقان كوئالالارنىڭ 2050-يىلىدا نەسلى يوقۇلۇپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر