ئىران ئىراق چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىملىرى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئىراق چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى.
2037019
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىملىرىغا يېقىن تەسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىملىرى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى چېگراسى جايلاشقان رايونغا ئەسكەر، تانكا، ئۇزۇن مۇساپىلىق زەمبىرەكلەرنى ئەۋەتمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىملىرى باغداد بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىرانغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنى قورالسىزلاندۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشىدىغان 19 – سېنتەبىر ھارپىسىدا ئىراق چېگرالىرىغا ھەربىي قورال-جابدۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقتىكى بىر تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى كور-مور تەبىئىي گازلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.